قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا
18-ئۆكتەبىر مۇخبىر ماقالە ئېلان قىلغانغا قەدەر ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى پىڭيۈي كۆمۈركان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتكەن ، ئالتە ئادەم ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .
16-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 6 لەردە ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يۈيجۇ شەھىرىگە جايلاشقان پىڭيۈي كۆمۈر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ 4-كۆمۈركانىدا گاز چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، 37 ئادەم قۇدۇق ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان .
قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا