ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان AC311 يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقيەتلىك ئۇچۇرۇلدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
AC311 يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ مودېلى    شىنخۇا تورى ، تيەنجىن ، 8–نويابىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى (گۇرۇھ) شىركىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان ، ئېلىمىزنىڭ كۆپ ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغان يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئا
  

AC311 يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ مودېلى

   شىنخۇا تورى ، تيەنجىن ، 8–نويابىر تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى (گۇرۇھ) شىركىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان ، ئېلىمىزنىڭ كۆپ ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغان يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانى AC311 جۇڭگو ئاۋىياتسىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تيەنجىن تارماق شىركىتى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، 8–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىندە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرۇلدى.

   تۇنجى ئۇچۇرۇش مۇراسىمىدا، AC311 تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇشىنىڭ مۇقىملىقى، كۆرۈنۈشىنىڭ كۆركەملىكى، ھەيدىلىشىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئەۋزەل ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.

   AC311 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، تيەنجىن ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرغان تۇنجى AC301 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ بازارغا يۈزلەنگەنلىكى جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان AC يۈرۈشلۈك تىك ئۇچار ئايروپىلان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن AC311 ئىككى توننا دەرىجىلىك يېنىك تىپتىكى كۆپ ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان بولۇپ، ئالتە ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش (كۆتۈرۈلۈش) ئېغىرلىقى 2200 كىلوگىرام كېلىدۇ. بۇ تىپتىكى ئايروپىلان ئۇچۇش مەشىقىنى ئىجرا قىلىش، خادىملارنى توشۇش، ج خ تارماقلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى، ئالاقە قوماندانلىقى، بوشلۇقتا سۈرەتكە تارتىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، ئېلېكتىر كۈچى لىنىيەسىنى چارلاش، ئورماننى قوغداپ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ھاشارات يوقىتىش دورىسى پۈركۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن AC311 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى 2011 - يىلى ئۆكتەبىردە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىپ لاياقەتنامىسىگە ئېرىشتۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، 2012 - يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن. كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە، بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ بازار ئېھتىياجى 500 گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!