
7–نويابىر ، ئوماندا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن نىزىۋادىكى شۇمۇخ قەلئەسىدە سۇلتان قابۇس بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، ماسقات، 7 - نويابىر تېلېگراممىسى: جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن شۇ يەر ۋاقتى 7 - نويابىر نىزىۋا شەھىرىدىكى شۇمۇخ قەلئەسىگە بېرىپ، ئومان سۇلتانى قابۇس بىلەن كۆرۈشتى.
جيا چىڭلىن ئالدى بىلەن رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ قابۇس ئالىيلىرىغا يوللىغان قىزغىن سالىمى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. قابۇسمۇ جيا چىڭلىنغا ئۆزىنىڭ سالىمىنى رەئىس خۇ جىنتاۋغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. جيا چىڭلىن مۇنداق دېدى: بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئالىيلىرىنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىغا 40 يىل بولىدىكەن ھەم ئوماننىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىدىكەن، مەن ئالىيلىرىنى، شۇنداقلا ئومان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە جۇڭگو - ئومان ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ‹‹بار پۈتۈن ئالەمدە بىزنىڭ چىن قەلبداش دوستىمىز، بۇ جاھاننىڭ ئۇ چېتىمۇ ئەڭ يېقىن تام قوشنىمىز›› دېگەن بۇ جۈملە جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرىدۇر. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيەسىدە پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئومان خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ كەلگەن ‹‹ئومان قۇرۇلۇشقا ياردەم قىلىش كەنتى›› جۇڭگو - ئومان دوستلۇقىنىڭ يېڭى نامايەندىسى بولۇپ قالدى. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى ئوماندىن غەلىبىلىك ئۆتتى، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئومان سارىيىنىڭ نادىر كۆرگەزمىلىرى ئىككى تەرەپ خەلقىگە دوستلۇقنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى كۆۋرۈكىنى سېلىپ بەردى. ئومان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق شېرىكىگە ئايلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كۆلىمى ۋە سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەمنۇن، كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار.
جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو - ئومان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپ بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، دوستانە ئۆلكە، شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كېڭەيتىشنى، ئەمەلىي ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى، ئالاقە، ئېلېكتىر كۈچى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
قابۇس مۇنداق دېدى: ئومان بىلەن جۇڭگو ئۇزاق دوستلۇق تارىخىغا ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئومان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى ۋە تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تىرىشچانلىقنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئومان تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئومانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئومان كارخانىلىرىنىمۇ جۇڭگوغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. ئاخىرىدا ئۇ جۇڭگونىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
شۇ كۈنى، جيا چىڭلىن يەنە ماسقاتتا ئومان - جۇڭگو دوستلۇق ئۇيۇشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.