
2–نويابىر ، ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى بىلەن كۆرۈشۈپ ، بىرلەشمە ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىغا قاتناشتى . شۇ كۈنى ، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى لوندون شەھىرىدە ھەبىي ھەمكارلىق كېلىشى ئىمزالاپ ، بىرلەشمە قوشۇن قۇرۇش ، ئاۋىياماتكىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ، يېڭىدىن يادرو سىناق ئەسلىھەلىرىنى ئېچىش جەھەتلەردە كېلىشتى .
