
8 - دېكابىر، چۇۋۇپ ئېلىنغان خادىلار مەيدانغا دۆۋىلەپ قويۇلدى
يېقىندا، سىرتقى شەكلى مامكاپقا بەك ئوخشايدىغان شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئەنگىلىيە سارىيى ئىمارەت قۇرۇلمىسىنى چۇۋۇش باسقۇچىغا كىردى، ئۇنىڭ سىرتقى تېمىدىكى 60 مىڭ تال سۈزۈك ‹‹بۇرۇتچە›› خادا دېكابىرنىڭ ئاخىرى چۇۋۇپ بولۇنىدۇ. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، ئەنگىلىيە سارىيى 7 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ئېكىسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلىپ، ‹‹ئەڭ ماھىرلىق بىلەن ياسالغان›› كۆرگەزمە سارىيى دەپ ئاتالغان.

چېقىلىۋاتقان ئەنگىلىيە سارىيى
نويابىردا، ئەنگىلىيە سارىيى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسدىن كېيىنكى پىلان›› ىنى ئېلان قىلىپ، 60 مىڭ تالدىن ئارتۇق ‹‹ئۇرۇق›› نى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ ‹‹بۇرۇتچە›› لىرى چۇۋۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن مەكتەپ، ئىلىم - پەن ئورگانلىرى ۋە ئاددىي ئاممىغا سېتىلىدىغانلقىنى، شۇنداقلا خەير - ساخاۋەت كىمئارتۇق سودىسىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى ئىشچى ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ سىرتقى تېمىدىكى خادىلارنى چۇۋۇماقتا

ئىككى ئىشچى ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ سىرتقى تېمىدىن چۇۋۇپ ئېلىنغان خادىلارنى سانىماقتا
‹‹بۇرۇتچە›› خادىلار بىلەن ئورالغان بۇ ئۇرۇقلار چۇۋۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، كەسپىي ئورۇنلاردا كېسىپ، تازىلىنىپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ئاندىن ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان يىغىپ ساقلاش گۇۋاھنامىسى قوشۇلۇپ ھەمدە ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ تامغىسى ۋە پۈتۈن يەرشارىدىكى چەك نومۇرى بېسىلىپ، ئاخىرىدا ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياسالغان نەپس كۇرۇپكىغا قاچىلىنىپ، سېتىۋالغان جۇڭگولۇق ئىگىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

ئىشچىلار ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ سىرتقى تېمىدىن چۇۋۇپ ئېلىنغان خادىلارنى توشۇماقتا
10 - دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ ‹‹ساراي گۆھىرى›› ــــــ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ئۆز قولى بىلەن ئىمزالىغان ‹‹ساراي ئۇرۇقى›› توردا جامائەت پاراۋانلىقى ئۈچۈن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. بۇ كىمئارتۇق سودىسى 10 - دېكابىر سائەت نۆلدە باشلىنىپ، تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ كۈندە ھەر كۈنى ئۈچ تال كىمئارتۇق قىلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بىر تال سېتىلىدۇ. ھەر بىر تال ئۇرۇقنىڭ كىمئارتۇق قىلىنىش ۋاقتى سېتىش باشلانغان كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 24:00 كىچە (24 سائەت) بولىدۇ، باشلىنىش باھاسى 100 مىڭ يۈەن بولىدۇ، كىمئارتۇق قىلىشتا ھەر قېتىم قوشۇلىدىغان باھا 1000 يۈەن بولىدۇ. كىمئارتۇق سودىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇرۇقلار كېلەر يىلى يانۋاردا ئىگىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

ئەنگىلىيە سارىيىنىڭ سىرتقى تېمىدىكى تېخى چۇۋۇپ ئېلىنمىغان خادىلار كەچكى قۇياش نۇرىدا پارلىماقتا.