شىنخۇا تورى ، پارىژ 4–نويابىر تېلېگراممىسى : فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4–نويابىر پارىژغا يېتىپ كېلىپ ، فىرانسىيەدە ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى .
شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ، خۇ جىنتاۋ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پارىژدىكى ئورلى ئايرودرومىغا قوندى . خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى . ساركوزى ئايرودرومدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، خۇجىنتاۋنىڭ فىرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
خۇ جىنتاۋ ئايرودرومدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى : جۇڭگو–فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ، جۇڭگو–فىرانسىيە سىياسىي ، تاشقى ئىقتىساد–سودا ، مائارىپ ، پەن–تېخنىكا ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەققىي مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى .
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : نۆۋەتتە ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە كەسكىن ، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ . جۇڭگو–فىرانسىيە ب د ت خەۋپىسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ، شۇنداقلا خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كەڭ كۆلەملىك ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە . خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەن فىرانسىيە رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ كەڭ ئۇچرىشىش ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلىشىپ ، جۇڭگو–فرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەكلىپكە بىنائەن ، 4–نويابىردىن 7–نويابىرغىچە فىرانسىيە ، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ .