ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال–ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2010-يىلى11-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2 – نويابىر پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2 – نويابىر پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر 2 – نويابىر سائەت 9 ئەتراپىدا بېيجىڭ ‹‹جىڭشى››مېھمانسارىيىنىڭ زالىدا ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قورال – ياراغ ياساش سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قورال – ياراغ قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلىدى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى يىغىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1 – نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بويىچە، ئون يىل، بولۇپمۇ ‹‹11 – بەش يىل››دىن بۇيان، قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەر، ئاساسىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال – ياراغلارنى ئىشتاتلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!