
ئىتالىيەنىڭ پومپېيە قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىكى 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ‹‹گېلادىياتورلار مەشىق ئۆيى›› 6–نويابىر گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، خارابىگە ئايلاندى
بېيجىڭ ۋاقتى 8–نويابىردىكى خەۋەر: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئىتالىيەنىڭ رىمدىكى پومپېيە قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىكى ئىلگىرى گېلادىياتورلارنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىلگەن بىر ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، خارابىگە ئايلانغان . يەرلىكتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەمەلدارى بۇنىڭ ئۇدا بىرقانچە كۈن ياغقان قارا يامغۇرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئۆي 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە تاقاقلىق بولغاچقا ، ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ، لېكىن بۇ ئىش يەرلىكنىڭ پومپېيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قوغدىشىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىغا ئالاقىدار بەس - مۇنازىرىلەرنى يەنە بىر قېتىم قوزغىۋەتتى. پومپېيە قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئىتالىيەنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار 2 مىليوندىن ئاشىدۇ، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ جاينىڭ بارا - بارا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. پومپېيە قەدىمىي شەھەر خارابىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئۇ ئۆينىڭ 6 - نويابىر سەھەر سائەت 6:00 ئەتراپىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن نەق مەيداندىكى مۇلازىمەتچى خادىم ئۆينىڭ سائەت 7:00 لەردە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۆينىڭ لاتىن يېزىقىدىكى نامى ‹‹Schola Armaturarum Juventis Pompeiani›› بولۇپ، ئاممىغا ئېچىۋېتىلمەيدىغان بولغان ئىكەن، سىرتتىن ئىچىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، يەرلىكتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى ئۇنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەن. ئۆي پومپېيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ مۇھىم بىر كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېھتىيات سىزىقى بىلەن قورشىۋېتىلگەن. پومپېيە قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش تارمىقىنىڭ مۇدىرى ئانتونىئو ۋالوننى يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ‹‹Schola Armaturarum نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى قوغداش›› قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارخېئولوگلار ئۇزاقتىن بېرى پومپېيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتاتتى .