ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كۇبادا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ ، 68 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   شىنخۇا تورى ، ھاۋانا 4–نويابىر تېلېگراممىسى : كۇبا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 4–نويابىر ئېلان قىلىشىچە ، كۇبا كارب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى ، بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سانكت سپرىتۇس شەھىرىگە يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ
  

   شىنخۇا تورى ، ھاۋانا 4–نويابىر تېلېگراممىسى : كۇبا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 4–نويابىر ئېلان قىلىشىچە ، كۇبا كارب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى ، بۇ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سانكت سپرىتۇس شەھىرىگە يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 68 ئادەم قازا قىلغان .

   خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، كۇبا كارب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ كۇبانىڭ شەرقىدىكى شەھەر سانتىياگودىن پايتەخت ھاۋاناغا قاراپ ئۇچقانATR-72-212تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 4–نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئايروپىلاندا يەتتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى ، 61 نەپەر يولۇچى بار ئىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 كىشى كۇبالىق ، 28 كىشى چەت ئەللىك ئىكەن .

   نۆۋەتتە ، كۇبا خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!