ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا ئايرىم–ئايرىم قاتناشتى

2 – نويابىر ئەتىگەندە، ئوخشاش كىيىنگەن، كىنىشكا ئاسقان بىر قانچە نوپۇس تەكشۈرگۈچى جۇڭنەنخەيگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلىدى.
ئەتىگەن سائەت 10دىن ئاشقاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۇڭنەنخەيدىكى خۈەيرېنتاڭ زالىغا كىرىپ، تىزىملاشقا كەلگەن ئىككى نوپۇس تەكشۈرگۈچى بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن، باش شۇجى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇلارنىڭ سورىغىنىغا بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. تەكشۈرۈش جەدۋىلى تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ كۆردى ھەم قولىغا قەلەم ئېلىپ ‹‹مەلۇم قىلغۇچى›› دېگەن جايغا ئىسمىنى يازدى.
تىزىملاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ بۇ ئىككى نوپۇس تەكشۈرگۈچىنىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرگۈچى باش شۇجىغا، 1 – نويابىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە 6 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ، نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملىغانلىقى، ھازىر تىزىملاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن رازىمەنلىك بىلەن بۇ ئىككى نوپۇس تەكشۈرگۈچىگە مەملىكەتتىكى نوپۇس تەكشۈرگۈچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نوپۇس ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلەش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر چىقىرىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، بۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››.
ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ قاتارلىقلار جۇڭنەنخەيدە ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا قاتناشتى. چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياكى سىرتتا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، جۇ يۇڭكاڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نوپۇس تەكشۈرگۈچىلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىشنى ھاۋالە قىلدى.
مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى 2010 – يىلى 1 – نويابىردىن 10 – نويابىرغىچە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئىشلىنىدۇ، 2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

خۇ جىنتاۋ تىزىملاشقا كەلگەن ئىككى نوپۇس تەكشۈرگۈچى بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سەمىمىي پاراڭلاشماقتا