ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگودا تەييار ماينىڭ باھاسى كىچىك دائىرىدە تەڭشەلدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
  ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا        شىنخۇا تورى بېيجىڭ 21–دېكابىر تېلېگراممىسى : 21–دېكابىر ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 22– دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ ھەر بىر توننىسىنىڭ باھاسىنى ئايرىم–ئ
  
 
ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىماقتا
 
    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 21–دېكابىر تېلېگراممىسى : 21–دېكابىر ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 22– دېكابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ ھەر بىر توننىسىنىڭ باھاسىنى ئايرىم–ئايرىم ھالدا 310 يۈەن ۋە 300 يۈەن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان . باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن ، 90–نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر بىر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.23 يۈەن ، 0–نومۇرلۇق دىزېلنىڭ ھەر بىر لىتىرنىڭ باھاسى 0.26 يۈەن ئۆرلەيدىكەن .

   تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جېنچيۇ : ‹‹ 26–ئۆكتەبىردىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى ئۆرلىگەندىن بۇيان ، خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىتنىڭ باھاسىدىكى ئۆسۈش داۋاملاشقان . ھازىرغا قەدەر ، خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىتنىڭ 22 خىزمەت كۈنىدىكى سىجىل ئوتتۇرىچە باھاسى % 4 تىن ئېشىپ كەتكەن . تەييار ماي باھاسىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەكىللىنىش مېخانىزىمىغا ئاساسەن ، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك . نۆۋەتتىكى مال باھاسى ۋە تەييار ماينىڭ بازاردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ، دۆلەت باھا ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈپ ، باھا ئۆستۈرۈش دائىرىسىنى كونترول قىلدى ، ›› دېدى .

   تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 20–دېكابىر ئامېرىكا غەربىي تېكساس خام نېفىتى ۋە ئەنگىلىيە شىمالىي دېڭىز برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ھەر بىر تۇڭىنىڭ 88.81 ۋە 92.74 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، 2008–يىلى 10–ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن .

   بۇ قېتىم تەييار ماينىڭ باھاسى تەڭشەلگەندىن بۇيان ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىگە  ئاساسەن ، دېھقانچىلىق ، بېلىقچىلىق ، ئورمانچىلىق ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ، يېزا يوللىرى يولۇچى ترانسىپورتىغا داۋاملىق تولۇقلىما بېرىدۇ ، كىرا ئاپتوموبىلى كەسىپىگە ۋاقىتلىق تولۇقلىما بېرىدۇ .

   جۇڭگو مالىيە مىنىستىلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دىزېل باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئاشلىق تېرىش تەننەرخىگە بولغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەركىزىي ھۆكۈمەت كېلەر يىلى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما سەۋىيەسىنى يەنە بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە قوغدايدىكەن . ھەر قايسى جايلار تەييار ماي ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بۇيۇملارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ ، شەھەر ، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدىكەن . 

   تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەڭشەش زەنجىرسىمان ئىنكاسنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ، بۇ قېتىم تەييار ماينىڭ باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن ، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ، يېزا يولللىرى يولۇچى ترانسپورتى ، تۆمۈر يول يولۇچى ۋە مال توشۇش باھاسى ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ئۆلچىمىنىڭ ئۆرلىمەيدىغانلىقىنى ، تاشيول ترانسىپورت باھاسىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى  تەكىتلىگەن .

   ليۇ جېنچيۇ : ‹‹ بۇ قېتىمقى تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش نېفىت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىمپورت ئاكتىپچانلىقىغا پايدىلىق بولۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ، نامۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشنى تىزگىنلەپ ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئىقتسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ ، ›› دېدى .  

   ئۇ يەنە : ‹‹ بۇلتۇر جۇڭگو نېفىتىنىڭ سىرتقا قارىتا بېقىنىش دەرىجىسى % 53 گە يەتكەن . بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە ، جۇڭگو ئىمپورت قىلغان خام نېفىت 198 مىليون توننىغا يەتكەن بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 20 ئېشىپ ، يىللىق سىرتقا قارىتا بېقىنىش دەرىجىسى % 55 گە يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى ، ›› دېدى  .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!