ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جاڭ چۈنشيەن ‹‹ شېنخۇا ›› گۇرۇھ شىركىتى ۋە جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى رەھبەرلىرى بىلەن ناشتىلىق يىغىن ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    چېڭ لىشىن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار 29 – نويابىر سەھەردە ۋە چۈشتىن كېيىن ‹‹شېنخۇا›› گ
  

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار 29 – نويابىر سەھەردە ۋە چۈشتىن كېيىن ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھ شىركىتى ۋە جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى رەھبەرلىرى بىلەن ناشتىلىق يىغىن ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، كارخانىغا ياردەملىشىپ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى.

    ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھ شىركىتىنىڭ رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ناشتىلىق يىغىندا، كارخانىنىڭ ئالاقىدار رەھبىرى گۇرۇھنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››لىق تەرەققىيات پىلانى ۋە نىشانى، شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى، شۇنداقلا نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى 2005 – يىلى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش بىلەن بىللە، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغىمۇ پائال قاتنىشىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى. گۇرۇھنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن. ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ كارخانىغا، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بازىرى، تېخنىكا، كەسىپ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەشتىكى باشلامچىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى تۈزگەن شىنجاڭدىكى تەرەققىيات نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كارخانىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

    گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىۋۇ مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىلىپ، گۇرۇھتىكىلەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

    جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلار چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتىنىڭ رەھبىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

    جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بەش چوڭ توك چىقىرىش گۇرۇھىنىڭ بىرى. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى 2008 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى كۆمۈر، توك، كۆمۈر خىمىيە قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى ئېچىش، قۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭغا ھازىرغىچە 3 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سالىدىغان مەبلىغى 4 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

    جاڭ چۈنشيەن كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى توك چىقىرىش كەسپىنى يادرو، كۆمۈر كەسپىنى ئاساس، كەسىپلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بازار ئەۋزەللىكى، تەننەرخ ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بولۇپمۇ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە تېخنىكا بازىرىدىكى مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتىنىڭ شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش، شىنجاڭنى ئېچىش جەريانىدا، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولۇپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئۆز جايىدا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى % 60تىن ئاشۇرۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش››تا ياخشى باشلامچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نۇر بەكرى: جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭدا شۆبە شىركەت قۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان، تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى، دېدى.

    جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ دېخۇي مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭنى گۇرۇھىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم جاي، دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا مەدىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شۇنداقلا ئالاقىدار بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەر، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كەسىپ توپى بەرپا قىلىمىز.

    شىنجاڭ تۇمارىس مېھمانسارىيى ناشتىلىق يىغىننى مول مىللىيچە تائاملار بىلەن تەمىنلىدى.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!