ۋېن جياباۋنىڭ لياڭشەنگە بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش–داۋالاش خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىكى ھەم يىزۇ ئاممىنى يوقلىغانلىقى توغرىسىدا

1 – دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ سىچۇەندىكى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىنى تەكشۈردى ھەم يىزۇ ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، نامرات، قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، ئەيدىزنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ۋېن جياباۋ 30 – نويابىردىن 1 – دېكابىرغىچە لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىچاڭ شەھىرى، جاۋجۆ ۋە بۇتو ناھىيەلىرىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، ناھىيەلىك دوختۇرخانا، يېزىلىق شىپاخانىغا، يېزا مەركىزىي مەكتىپى ۋە يىزۇلار تاغلىق كەنتىگە بېرىپ، زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلار، ئەيدىز ئاغرىقلىرى، يوقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلار ۋە يىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنىڭ 1 – سېپىدىكى تېببىي خادىملاردىن ھال سورىدى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ۋېن جياباۋ 30 – نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا شىچاڭ شەھەرلىك زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە ئاپتوموبىللىق كەلدى. ئۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئىشخانىسى، دورىخانىسى، كۆزىتىش ئۆيى ۋە ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ ھەر بىر ياتاققا كىرگەندە: ‹‹كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراڭلار، زەھەر تاشلاشقا كۈچلۈك ئىرادە بىلەن قەتئىي بەل باغلاڭلار، ماھارەتنى ياخشى ئىگىلەپ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇڭلار،›› دېدى. ۋېن جياباۋ بەش جۈپ ياشنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ: ‹‹بۇ ئىجتىمائىي غەمخورلۇقنىڭ نامايەندىسى. زەھەر چەككۈچىلەرگە ھاياتنى قەدىرلەشنى، تۇرمۇشنى سۆيۈشنى بىلدۈرۈش كېرەك. سىلەر كېيىن بۇ يەردىن چىققاندا، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىڭلار›› دېدى.
ۋېن جياباۋ 1 – دېكابىر سەھەردە جاۋجۆ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ تېببىي خادىملارنى يوقلىدى. كېسەلخانىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇش ئۈچۈن داۋالىنىۋاتقان، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغان ئىككى ھامىلىدار ئايالنى يوقلىدى. ۋېن جياباۋ ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. مېڭىش ئالدىدا، ئۇ تېببىي خادىملارغا: ‹‹جاپا چەكتىڭلار، سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ۋە خالىس تۆھپەڭلار بولمىغان بولسا، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تېنى ھازىرقىدەك ساغلام، روھىي ھالىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىغان بولاتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ،›› دېدى. ئۇ تېببىي خادىملارغا كېسەل داۋالاپلا قالماستىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ساۋاتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىشنى تاپىلىدى.

ۋېن جياباۋ ئەيدىز سەۋەبىدىن يېتىم قالغان بالىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ 1 – دېكابىر چۈشتىن ئىلگىرى جاۋجۆ ناھىيەسى سىكەي يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ قىزىل يىپەك لېنتا تايانچ سىنىپىغا كىرىپ، ئاتا – ئانىسى ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن 41 يېتىم بالىنى يوقلىدى. زۇڭلى بالىلارغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن: ‹‹سىلەر ئاتا – ئاناڭلاردىن ئايرىلىپ قالغىنىڭلار بىلەن، ھازىر بىر چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتىسىلەر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار. بۇ بەختسىزلىكلەردىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇپ كېتىسىلەر، كەلگۈسىڭلار چوقۇم پارلاق بولىدۇ›› دېدى.

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30 – دېكابىر جاۋجۆ ناھىيەسىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر تەشۋىقات – تەربىيە، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 1 – دېكابىر تېلېگراممىسى)