گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇ شەھىرى چېپىڭ كەنتىدىكى ئاتا–ئانىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالغان ئالتە ياشلىق ئالۇڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزى يالغۇز ياشاپ كەلدى
شىنخۇا تورى 29–نويابىر تېلېگىراممىسى : سەھىيە مىنىستىرلىقى 29–نويابىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغاندا ، 2010–يىلى 10–ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى سانىنىڭ 370 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 130 مىڭ ، ئۆلگەنلەرنىڭ 68 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى .
2009–يىلى سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلىشىپ چىقارغان نەتىجىدىن كۆرسىتىلىشىچە ، 2009–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 740 مىڭ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارلىرى 105 مىڭ ؛ 2009–يىلى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى 48 مىڭ ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر 26 مىڭ ئىكەن .

سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : يېقىنقى ئىككى يىلدا جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلدى . ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش دائىرىسى بىر قەدەر ئازايدى ؛ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملىنىش ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ ، ئەر ھەمجىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ؛ قىسمەن رايونلار ۋە مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولدى . يۈننەن ، گۇاڭشى ، خېنەن ، سىچۇەن ، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ، مەملىكىتىمىز ئومومىي سانىنىڭ %77.1 نى ئىگىلىدى .