
ھىندىستان ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان بوشلۇقتا ئېتىلىدىغان Brahmos باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتى
شىنخۇا تورى، بومباي، 22 - دېكابىر تېلېگراممىسى: ھىندىستان 22 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا ‹‹كەڭ زېمىن — 2›› تىپلىق قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن ئىككىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناپ ئاتتى.
يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەربىي تەرەپ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سىناق ئېتىش شەرقىي قىسىمدىكى ئورىسسا شەھىرىنىڭ دېڭىز بويىدىكى Jadhpur ئۇنىۋېرسال سىناق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىۋېرسال سىناق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى داشى مۇنداق دېگەن: بۇ ھىندىستان قوراللىق قىسمى ئېلىپ بارغان رەسمىيەتلىك سىناق بولۇپ، سىناپ ئېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى .
‹‹كەڭ زېمىن ــــ 2›› تىپلىق قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھىندىستان ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان باللىستىك سىنارەد بولۇپ ، ئېتىش مۇساپىسى 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا ، مۇۋاپىق ئۆلچەمدىكى سىنارەد بېشى ياكى يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇ يىل 24 - سېنتەبىر، ھىندىستان ‹‹كەڭ زېمىن ــــ 2›› تىپلىق قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئېتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىدى.

ماتېرىيال سۈرەت: يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ‹‹شىددەتلىك ئوت ـــــ 2›› تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان باللىستىك سىنارەد



ماتېرىيال سۈرەت: ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش سىنىقى