

22–دېكابىر ، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيە ھەربىي تەرەپ 23–دېكابىر چاۋشيەن– كورىيە چېگرىسى ئەتراپىدا بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە يەر يۈزى ۋە ھاۋا بوشلۇقى ھەقىقىي ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيە ھەربىي تەرەپ بۇ قېتىمقى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مانېۋىرنى ‹‹ تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەقىقىي ئوق مانېۋىرى ›› دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ تىغ ئۇچىنى ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن چاۋشيەن–كورىيە توپقا تۇتۇش ۋەقەسىگە قاراتقان . خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ قېىتمقى ھەربىي مانېۋىرغا توپچى قىسىم ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ، مانېۋىرغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى تىنچلىق مەزگىلىگە نىسبەتەن ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىكەن . ھەقىقىي ئوق مانېۋىرى كورىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
يېقىندا ، شۇ يەر ۋاقتى 20–دېكابىر چۈشتىن كېيىن ، كورىيە يەنپىڭ ئارىلى دېڭىز ساھىلىدا ھەقىقىي ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ ، يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋەتكەن . رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە ، كورىيە بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق چاۋشيەننى تېرىكتۈرمەكچىكەن .