12-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجوۋ(台州) شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئامبىرىغا ئوت كەتكەن، قاپقارا ئىس پەلەككە كۆتۈرۈلگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00 ئەتراپىدا، جېجىياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى لۇچىياۋ رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ سۇلياۋ بۇيۇملارنى ساقلايدىغان ئامبىرىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ تېزلىكتە يامراپ كەتكەن. سائەت 19:00 غا قەدەر، ئوتنى ئۆچۈرەلمىگەن، خادىملارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ۋە ئوت كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ.
مەنبە: شىنخۇا تورى