شىنخۇا تورى ، نىڭشيا جۇڭنىڭ 23 ــ دېكابىر تېلېگراممىسى : 23 ــ دېكابىر سائەت نۆلدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋىي شەھىرى جۇڭنىڭ ناھىيەسى ‹‹تيەنيۈەن›› مانگان سانائىتى شىركىتىدە گازدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، زاۋۇتنىڭ بىرىكمە سېخىدىكى 24 نەپەر خادىم ئوخشاشمىغان دەرىجىدە زەھەرلىنىپ ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان .
مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە ، جۇڭنىڭ ناھىيەسى قۇتقۇزۇش سېگىنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىققان ، ناھىيەلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلغان . ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈش خادىملىرىمۇ سەھەر سائەت بەشتە يىنچۈەندىن جۇڭنىڭ ناھىيەسىگە يىتىپ كەلگەن . سەھەر سائەت سەككىزگىچە ، جۇڭنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسدە زەھەرلەنگەن 24 خادىمنىڭ 18 ى خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن . ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان ، قالغان ئۈچەيلەن كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ ، جىددىي قۇتقۇزۇلىۋېتىپتۇ .
نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ .


