ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

2010–يىلى يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر

2010-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    2010–يىلى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ، چوڭ ۋەقەلەر ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن كىشى ھاياتى ۋە مال–مۈلكىدىن ئايرىلدى . بۇ يىل يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە :   * ئىفىئوپىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى      1–ئاينىڭ 25–كۈنى
  

    2010–يىلى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ، چوڭ ۋەقەلەر ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن كىشى ھاياتى ۋە مال–مۈلكىدىن ئايرىلدى . بۇ يىل يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر تۆۋەندىكىچە :

  * ئىفىئوپىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

 

   1–ئاينىڭ 25–كۈنى ، ئىفىئوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹ بويىن–737 ›› بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت خەلقئارا ئايرودرومىدا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرا دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلانىدىكى 83 يولۇچى ۋە يەتتە نەپەر ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان .

  * پولشا زۇڭتۇكى كاچىنىسكى ئايروپىلان ھادىسىدە قازا قىلدى

ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۈرىتى

   پولشا زۇڭتۇڭى كاچىنىسكى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئولتۇرغان ‹‹图–154›› بەلگىلىك ئايروپىلان 10–ئاپرېل ، رۇسىيە سمولنسكى شەھىرىنىڭ ‹‹شىمالىي رايون›› ھەربىي ئايرودرومىدا يەرگە قونۇۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ ، زۇڭتۇڭ كاچىنىسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 ئادەم قازا قىلغان .

   ئايروپىلان ھادىسىسىدە زۇڭتۇڭ كاچىنىسكىدىن باشقا يەنە ، پولشا ‹‹1–خانىمى ›› ، پولشا ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ، پولشا ھاۋا ئارمىيە ، دېڭىز ئارمىيە ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ قوماندانلىرى ، پولشا دۆلەتلىك بانكىنىڭ باشلىقى ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، دىپلوماتىيە ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنى بىردىن مۇئاۋىن مىنىستىرى ، پولشا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى مۇھىم زاتلار قازا قىلغان .

  * مېكسىكا قولتۇقىدا نېفىت ئېقىپ كەتتى

9–ماي ، مېكسىكا قولتۇقى دېڭىز يۈزىدىكى خام نېفىت

   4–ئاينىڭ 20–كۈنى ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئىجارىگە ئالغان مېكسىكا قولتۇقى تەۋەلىكىدىكى ‹‹ چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› بۇرغىلاش سۇپىسى پارتلاپ كېتىپ ، 11 ئىشچى قازا قىلغان ھەمدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن .

   * لىۋىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

    5–ئاينىڭ 12–كۈنى ، لىۋىيە–جەنۇبىي ئافرىقا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوخاننېسبۇرگدىن يولغا چىقىپ ، لىۋىيەنىڭ پايتەخت ئايرودرومىغا قونماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 93 يولۇچى ۋە 11 نەپەر ئايروپىلان خازىمى قازا قىلغان ، پەقەت بىر گوللاندىيەلىك ئوغۇل بالا ھايات قالغان .

   * ھىندىستاندا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان

    5–ئاينىڭ 22–كۈنى ، ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دۈبەيدىن يولغا چىققان ‹‹ بويىن–737 ››بەلگىلىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كارناتاكا ئۆلكىسىنىڭ مەنگەلور ئايرودرومىغا قونماقچى بولغاندا ھادىسىگە ئۇچراپ ، 158 ئادەم قازا قىلغان . ھادىسە يۈز بەرگەندە ، ئايروپىلانىدا 166 ئادەم بار ئىكەن .

   * ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كەتتى

ۋەقە يۈز بەرگەب نەق مەيدان

    5–ئاينىڭ 28–كۈنى ، ھىندىستاننىڭ بىر تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى غەربىي بېنگالدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ، يانداش رېلىستا كېلىۋاتقان بىر يۈك پويىزىغا سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 148 ئادەم قازا قىلغان ، 200 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان .

   * بېنگالدا بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كەتتى

    6–ئاينىڭ 3–كۈنى ، بېنگالنىڭ پايتەختى داككادىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، 119 ئادەم قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .

   * كونگودا نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاپ كەتتى  

    7–ئاينىڭ 2–كۈنى ، كونگونىڭ شەرقىدىكى جەنۇبىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇۋىرا شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بىر كەنتتە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، بىر نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، يەرلىك ئامما باكتىن ئېقىۋاتقان بېنزىننى ئېلىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بېرىپ ، 242 ئادەم قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .

   * پاكىستاندا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

   7–ئاينىڭ 28–كۈنى ، 152 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خىزمەتچىسى ئولتۇرغان ‹‹ A–321›› بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىدىكى بىر تاغدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى ھەممە ئادەم قازا قىلدى .

   * كامبودژادا دەسسلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

دەسسىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار

   11–ئاينىڭ 22–كۈنى ، كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن سۇ يەتكۈزۈش بايرىمىدا ، پايتەخت فنوم پېندىكى ئالماس ئارىلىدىكى بىر ئاسما كۆۋرۈكتە دەسسلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 353 ئادەم قازا قىلغان ، 393 ئادەم يارىلانغان .   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!