ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما:THAAD

2010-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: قەيسەر
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما: ئامېرىكىنىڭ تېرمىنال يۇقىرى بوشلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمى(THAAD) بولسا ئامېرىكىنىڭ 90-يىللاردا ئۇرۇش رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇ
  

دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما


دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما: ئامېرىكىنىڭ « تېرمىنال يۇقىرى بوشلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمى(THAAD) » بولسا ئامېرىكىنىڭ 90-يىللاردا ئۇرۇش رايونىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش پىلانى(TMD) نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ چىققان بىرىنچى مەخسۇسلاشقان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى.


ئامېرىكا THAAD تېرمىنال يۇقىرى بوشلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىق تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىپ، ئېتىش مۇساپىسى 3500 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش. 


ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوش قاتلاملىق ئۇرۇش رايونىدا تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىدىكى يۇقىرى قاتلام مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتموسفرا قاتلىمى ئىچىدىكى 40 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقتا ياكى ئاتموسفرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدىكى 100 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقتا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسالايدۇ.


THAAD سېستىمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5.48 مېتىر، گەۋدىسى « ۋەتەنپەرۋەر » يۈرۈشلۈك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ، ئەمما ئېغىرلىقى تەخمىنەن 634 كىلوگرام بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭ توسۇش ئېگىزلىكى 150 كىلومېتىر.


مەزكۇر سېستىمىنى 1987-يىلى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، 1990-يىلى لاھىيىسىنى تاماملىغان، 1995-يىلى 4-ئايدا تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان. 1999-يىلى 6-ئايدائۇرۇش قىلىشتا باھالاشقا باشلىغان، 2007-يىلدىن باشلاپ ئىشلەپ چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغان.   

 


مەنبە: يەر شارى تورى(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!