يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، كولومبىيە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قىش كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈردى . پۈتۈن مەملىكەتتىكى 32 ئۆلكە ئىچىدە 28 ئۆلكە يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، مەملىكەت بويىچە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار 2 مىليونغا يەتتى ، نەچچە 10 مىڭ ئېغىز ئۆي ۋەيران بولدى ، نۇرغۇنلىغان يېزا–بازارلارنى سۇ بېسىپ كەتتى ، 260 گە يېقىن ئادەم قازا قىلدى ، 75 ئادەم يوقاپ كەتتى .