ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە فرانسىيەدىن ئىككى ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالىدۇ

2010-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: قەيسەر
فرانسىيەنىڭ Mistral دەرىجىسىدىكى تىك ئۇچار ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئاۋىئاماتكىسى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىللىشىچە، روسىيە فرانسىيەدىن ئاز دېگەندە ئىككى دانە Mistral دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى ئۇرۇش پاراخوتىنى سېتىۋالىدىكەن. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ روسىيەنىڭ تۇنجى ق
  

فرانسىيەنىڭ Mistral دەرىجىسىدىكى تىك ئۇچار ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئاۋىئاماتكىسى 
فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىللىشىچە، روسىيە فرانسىيەدىن ئاز دېگەندە ئىككى دانە « Mistral » دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى ئۇرۇش پاراخوتىنى سېتىۋالىدىكەن.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ روسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ش ئا ئە ت(NATO) غا ئەزا دۆلەتتىن بۇ خىلدىكى قورالنى سېتىۋېلىشى ئىكەن. بۇ سودا ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ قوشنىسى بولغان بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى نارازى بولغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇ يىل 2-ئايدا مۇخبىرغا بۇ سودىدا ئامېرىكا فرانسىيەدىن ئالاقىدار سوئاللارنى سورايدۇ دېگەن.
«Mistral» دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى ئۇرۇش پاراخوتى 16 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان، 4 دانە قۇرۇقلۇققا چىققۇچى ماشىنا، 13 ئۇرۇش تانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 دانە ھەربىي ماشىنا ۋە 450 نەپەر خادىمنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
نۇرغۇن روسىيە ھەربىي ۋە سانائەت مۇتەخەسىسلىرى بۇ سودىدىكى مەبلەغ ۋە ھەربىي ئەھمىيىتىدىن گۇمانلانغان، بەزىلەر روسىيە پەقەت ئىلغار دېڭىز ئارمىيە تېخنىكىسىغا ئېرىشىپ، كەلگۈسىدىكى ش ئا ئە ت بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئىشلەتمەكچى دەپ قارىغان.
 مەنبە:روسىيە ئاخبارات تورى(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!