ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستاندا زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
   14–دېكابىر ، ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كارناتاكا ئۆلكىسىدە 30 ئادەم ئولتۇرغان بىر مىنبۇس سۇ ئامبىرىغا چۈشۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 26 ئادەم قازا قىلغان .    شۇ يەرلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ مىنبۇستا ئولتۇرغانلار توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتى
  

   14–دېكابىر ، ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كارناتاكا ئۆلكىسىدە 30 ئادەم ئولتۇرغان بىر مىنبۇس سۇ ئامبىرىغا چۈشۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 26 ئادەم قازا قىلغان .

   شۇ يەرلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ مىنبۇستا ئولتۇرغانلار توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بولۇپ ، مىنبۇس مەنسۇر شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كۆۋرۈكتە كېتىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ، سۇ ئامبىرىغا چۈشۈپ كەتكەن .

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلار ھازىرغىچە 13 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپقان ، نۆۋەتتە ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ . ئىگىلىنىشچە ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .

قۇتقۇزۇش خادىملىرى سۇ ئامبىرىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى سۇدىن سۈزۈۋالماقتا

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!