ئاتامبايېۋ پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يۈك توشۇش مەركىزىنى يۆتكەش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى
قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ(Almazbek Atambayev) روسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىرغىزىستاندىن ئامېرىكىنىڭ يۈك توشۇش مەركىزىنى چېكىندۈرۈپ كېتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلمىغان.
ئاتامبايېۋ 26-27 دېكابىر روسىيەنىڭ زىيارەت قىلغان ھەمدە روسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن. 30-دېكابىر روسىيە زىيارىتىنى نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يۈك توشۇش مەركىزىنى يۆتكەپ كېتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاتامبايېۋنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئۇ پۇتىن بىلەن 7 قېتىم كۆرۈشكەن، ئىككى تەرەپ بىر قىسىم تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
بىراق، ئاتامبايېۋنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېگرىدىن ئۆتىدىغان مال يۆتكەش مەركىزىنىڭ يېقىلغۇ تەمىنلەش ئالاقىدار مەسىلىدە قىرغىزىستان بىلەن روسىيە شېركەتلىرى ئورتاق قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن.
قىرغىىستان سابىق ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئامېرىكا بىلەن مۇددىتى 5 يىللىق بولغان ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ھەمدە بازىنىڭ ئىسمىنى مال يۆتكەش مەركىزى دەپ ئۆزگەرتكەن.