ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان ، ئارسلان كامىل خەۋىرى : مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956 ــ يىلى 12 ــ ئاينىڭ 10 ــ كۈنى رەسمىي باشلانغان. يېرىم ئەسىرلىك جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى رادىيو سېپىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىدى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور تۆھپە قوشتى.
2010 ــ يىلى12 ــ ئاينىڭ 16 ــ كۈندىن باشلاپ ، مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئىسلاھ قىلىنىپ ، كۈنىگە 18 سائەت مۇقىم ئاڭلىتىلىدىغان كەسپىي چاستوتىغا ئايلىنىپ ، مەركەزنىڭ ئاۋازىنى ئاۋامغا يەتكۈزۈش ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ تەشۋىقات مەزمۇنى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر ، مەركەزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى ، ئېقىم مەسىلىلەر ۋە مۇلاھىزىلەر ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادقا ئائىت خەۋەرلەر ۋە مۇلاھىزىلەر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانى ۋە ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخي ۋە مەدەنىيىتى ، تۇرمۇش ساۋاتلىرى ، ئەدەبىيات ــ سەنئەت قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
18 سائەتلىك ئاڭلىتىشتا ، ‹‹تاڭ ساداسى›› ، ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› ، ‹‹ جۇڭگوغا نەزەر›› ، ‹‹جاھان ئەينىكى›› ، ‹‹ئۈزۈلمەس مېلودىيە›› ، ‹‹ئۆچمەس كۈيلەر›› ، ‹‹ قانۇن لىنىيەسى›› ، ‹‹ئەدەبىي ئاڭلىتىش›› ، ‹‹تۇرمۇش›› ، ‹‹ ئىقتىساد مۇنبىرى›› ، ‹‹بۈگۈنكى شىنجاڭ›› ،‹‹چۈشلۈك 30 مىنوت›› ، ‹‹دۇنياغا نەزەر›› ، ‹‹ ئوكيان كۈيلىرى›› ،‹‹نوپۇزلۇق مۇنبەر›› ، ‹‹داڭلىق شەخىسلەر›› ، قاتارلىق پروگراممىلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ، پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىزغا ئايلىنالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ( www.uycnr.com ) مۇ رەسمىي ئېچىلدى. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى مەزمۇنى مول ، ماتېرىياللىرى تولۇق ، پۈتۈن مەملىكەتكە ھەتتا دۇنياغا يۈزلەنگەن . ئۇيغۇرچە ئونۋېرسال ئاخبارات تورى بولۇپ ، ‹‹مۇھىم خەۋەرلەر›› ، ‹‹ مەملىكەت خەۋەرلىرى›› ، ‹‹خەلقئارا خەۋەرلەر›› ، ‹‹شىنجاڭ خەۋەرلىرى›› ، ‹‹سۈرەتلىك خەۋەرلەر›› ، ‹‹ئىقتىساد›› ، ‹‹مەدەنىيەت›› ، ‹‹مائارىپ›› ، ‹‹ نەزەر›› ، ‹‹تەنتەربىيە›› ، ‹‹قىزىق نۇقتا›› ، ‹‹ سەنئەت كۆزنىكى›› ، ‹‹ماتېرىيال›› ، ‹‹توردىكى رادىيو›› ، ‹‹تارىختىكى بۈگۈن›› ،‹‹ۋىدىيو›› قاتارلىق سەھىپىلەر بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار ، دۆلىتىمىزدىكى 1 ــ ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئاۋاز چاستوتىسى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، تورداشلارنى مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىسنىڭ 18 سائەتلىك ئۇيغۇرچە پىروگىراممىسنى ۋاقتىدا ، تولۇق ئاڭلاش ، خالىغان ۋاقىتتا نىشانلىق ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مەركىزى خەلىق رادىيو ئىستانسىسى تەسىس قىلغان ‹‹يانفون گېزىتى›› مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار ئاخبارات تېخنىكىسىدىن پايدىلنىپ ، ئابونىتلارغا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىدىغان خەۋەرلەرنى ۋاقتدا يەتكۈزدۇ. بۇنىڭدا ‹‹ مەملىكەت خەۋەرلىرى›› ، ‹‹ خەلقئارا خەۋەرلەر›› ،‹‹تەنتەربىيە خەۋەرلىرى›› ، ‹‹تۇرمۇش ساۋاتلىرى›› ، ‹‹كۆزنەك›› ، ‹‹تارىختىكى بۈگۈن›› قاتارلىق مەزمۇنلار بار . ئابونىتلار ‹‹يانفون گېزىتى›› ئارقىلىق جاھاندىكى يېڭىلىقلار ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپىدۇ.
مەركەز شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۈزۈن مۇددەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۇتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ يېڭى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل كۆرىستىشى لازىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى سەرخىل پىروگراممىلىرى ، مول مەزمۇنى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىما.ىي ئىشلىرنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكىر موھىتى يارتىپ بېرىدۇ.