ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لى ميۇڭباك ، كېلەر يىلى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرودىن ۋاز كېچىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: admin
  كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك ( ماتېرىيال سۈرەت )      شىنخۇا تورى سېئول 29–دېكابىر تېلېگراممىسى : 29–دېكابىر ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك ، كېلەر يىلى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەننىڭ يادرودىن ۋاز كېچىش نىشانىنى ماقۇللىشى كېرەك ، دېدى .    لى ميۇڭباك شۇ كۈنى
  
 
كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك ( ماتېرىيال سۈرەت )
 
   شىنخۇا تورى سېئول 29–دېكابىر تېلېگراممىسى : 29–دېكابىر ، كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك ، كېلەر يىلى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەننىڭ يادرودىن ۋاز كېچىش نىشانىنى ماقۇللىشى كېرەك ، دېدى .

   لى ميۇڭباك شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە تاشقى ئىشلار سودا ئالاقىسى مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مۇنداق دېدى : ‹‹ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرودىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تاشقى ئىشلار يولى ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ . ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ، كېلەر يىلى بۇ مەسىلە ئۈستىدە زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ›› .

   لى ميۇڭباك يەنە مۇنداق دېدى : ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىرگە ، كورىيە–چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى كېڭەشتە كورىيە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كورىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنتايىن مۇھىم تېمىسى . تاشقى ئىشلارنىڭ تىرىشچانلىقىلا كۇپايە قىلمايدۇ ، يەنە قۇدرەتلىك دۆلەت مۇداپىئە كۈچى ۋە ئومۇمىي خەلق بىخەتەرلىكنى قوغداش ئېڭى بولۇشى كېرەك . كورىيە ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكا ، ياپونىيە ، جۇڭگو ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىىشنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك .

   كورىيە ھەربىي تەرەپ 26–دېكابىر ، 27–دېكابىردىن 31–دېكابىرغىچە 20 دىن ئارتۇق دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەقىقىي ئوق ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . چاۋشيەن ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› 27–دېكابىر ئوبزور ئېلان قىلىپ : ‹‹ كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە چاشيەننىڭ سەۋرى تاقىتى چەكلىك ›› دېگەن . 23–نويابىر ، چاۋشيەن–كورىيە تالاش–تارتىشىدىكى ‹‹ شىمالىي رايون چېگرىسى ›› ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . كورىيە چاۋشيەننىڭ ‹‹ شىمالىي رايون چېگرىسى ›› جەنۇبىدىكى يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ، چاۋشيەن ئەكسىچە بۇ قېتىمقى ۋەقە كورىيە ‹‹ شىمالىي رايون چېگرىسى ›› ئەتراپىدىكى ‹‹ چاشيەننىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ›› نى توپقا تۇتقانلىقتىن يۈز بەرگەن ، دېگەن . شۇنىڭدىن كېيىن ، كورىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا بىلەن كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ، يەنپىڭ ئارىلىدا ھەقىقىي ئوق ئېتىش مەشىقى ۋە باۋچۈەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ئوت كۈچى مانېۋىرى قاتارلىق بىر قاتار مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىپ ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!