
شىنخۇا تورى ، موسكىۋا ، 29–دېكابىر تېلېگراممىسى: رۇسىيەنىڭ بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى 28–دېكابىر موسكىۋانىڭ جەنۇبىدىكى تۇرا بىلەن ئوريول تۇتاشقان جايدا چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 11 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى .
رۇسىيە ئىتار–تاس ئاگېنتلىقى 29–دېكابىر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىن ــــ 22›› تىپلىق بۇ تىرانسپورت ئايروپىلانى 28–دېكابىر ۋورونېژدىن رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى تىۋېر شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ ، سەپەر داۋامىدا تۇيۇقسىز رادار ئېكرانىدىن يوقاپ كەتكەن .
رۇسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئايروپىلاندىكى 11 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

