
16–دېكابىر ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېڭى دېھلىدىكى ھەيدەرئاباد سارىيى (Hyderabad House) دا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگ بىلەن سۆھبەتلەشتى
شىنخۇا تورى ، يېڭى دېھلى، 16–دېكابىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 16–دېكابىر يېڭى دېھلىدىكى ھەيدەرئاباد سارىيى (HyderabadHouse) دا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئاددىي بولمىغان يوللارنى بېسىپ ئۆتتى ، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن ئاخىر ئاساسىي يۆنىلىش بولۇپ كەلدى . بۇ ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي ، يەنە ئاسىيا رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن تەرەققىياتىغا پايدىلىق . جۇڭگو–ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى 2 مىليارد 500 مىليون خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئاسىيا ۋە دۇنياغا قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزدىن خۇشال بولىمىز ، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد بىلەن باقىمىز. ئىككى دۆلەت تارىخىي پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، سىياسىي جەھەتتە ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو–ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ، ئورتاق راۋاجلىنىش يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك.
سىنگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بەش يىلدىن بۇيان ، يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ باردى–كەلدىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى ، سىياسىي جەھەتتە ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى . نۆۋەتتە ، ھەر ئىككى دۆلەت تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، زىچ ھەمكارلىشىش—ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ئاسىيانىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ . ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قوزغاتقۇچ كۈچ بېغىشلىدى.
زۇڭلى ۋېن جياباۋ سىنگ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ، سەمىمىي پىكىرلىشىپ ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى . ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ، زۇڭلى قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ ، مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى ؛ چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى ئۇچرىشىشى مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ، ئالاقىدار سىياسىي يېتەكچى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ، باراۋەر ، مۇۋاپىق ، ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ، چېگرا مەسىلىسى ھەل بولۇشتىن بۇرۇن ، چېگرا رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ھەقىقىي قوغداشقا ماقۇل بولدى .
ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت مېخانىزمى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇنبىرى قۇرۇشنى قارار قىلىپ ، 2015–يىلى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى بىرلىكتە بېكىتتى. جۇڭگو تەرەپ ھىندىستاندىن تاۋار ئېكىسپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ، ھىندىستاننىڭ ئۇچۇر تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ، دورا بۇيۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھىندىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ ھىندىستاننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئىككى تەرەپ مۇنداق قارىدى : ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتا ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور ، شۇڭا ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ، يۇقىرى پەن–تېخنىكا ، ئېنېرگىيە ، كانچىلىق ، مۇھىت ئاسراش ، يېشىل تېخنىكا ، پۇل–مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.