ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ئاپتوبۇس پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

2010-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو(Mindanao)ئارىلىنىڭ ماتالام(Matalam)ئۆلكىسىدە10-ئاينىڭ21-كۈنى ئاپتوبۇس پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،10ئادەم ئۆلگەن،30ئادەم يارىدار بولغان،كۆپىنچىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. مىندانائو ھەربىي رايونىنىڭ باياناتچىسى كاباڭباڭ ئاخبارات
  


فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو(Mindanao)ئارىلىنىڭ ماتالام(Matalam)ئۆلكىسىدە10-ئاينىڭ21-كۈنى ئاپتوبۇس پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،10ئادەم ئۆلگەن،30ئادەم يارىدار بولغان،كۆپىنچىسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
مىندانائو ھەربىي رايونىنىڭ باياناتچىسى كاباڭباڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،بۇ ماشىنىغا چىققان60دىن كۆپ يولۇچى كاگايان دىئورى          
(Cagayan de Ore)شەھىرىدىن تاسۇروڭ(Tacurong)شەھىرىگە قاراپ ماڭغان،چۈشتىن بۇرۇن سائەت10:30ئەتراپىدا يولدىلا پارتىلاپ كەتكەن دېدى.
كاباڭباڭنىڭ دېيىشىچە،8ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن،باشقا2ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن،باشقا يەنە30ئادەم ئېغىر يېنىك يارىدار بولغان.
كاباڭباڭنىڭ دېيىشىچە،يۈك-تاققا سېلىنغان ئۆزى ياسىغان بىر بومبا پارتىلىغان،ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!