
15–ئۆكتەبىر ، مېدۋېدېۋ بىلەن مۇئاۋىن مېنىستىر سېرگېي سوبيانىن موسكۋادا بىرلىكتە يىغىن زالىغا كىرمەكتە
21–ئۆكتەبىر كۆپ سانلىق بېلەت بىلەن مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە زۇڭلى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سېرگېي سوبيانىننى يۇقۇرى بىلەت بىلەن موسكۋانىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى.
زۇڭتۇڭ مېدۋېدېۋ 28–سېنتەبىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان موسكۋا شەھەر باشلىقى يۇرى لۇژكوفنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ ، مۇئاۋىن باشلىقى ۋىلادىمىر رېسىن مۇۋەققەت شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنىدى . ئارقىدىنلا بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيەسىدىكى سوبيانىن نامزاتلىققا كۆرسۈتۈلگەن .
سوبيانىن بۇ يىل 52 ياشتا بولۇپ ، روسسيەنىڭ شىمالىدىن كەلگەن ، سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن چېليابىنسكى تۇربا زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان . 2001–يىلى ئۇ تيۇمېنسكى شتاتىنىڭ شتات باشلىقى تەيىلەنگەن، 2005–يىلى زۇڭتۇڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2008–يىلى پۇتىن دۆلەت زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، سوبيانىن مۇئاۋېن زۇڭلى قۇشۇمچە زۇڭلى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى خىزمىتىگە تەيىنلىنىپ، پۇتىننىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولۇپ قالغان .
سوبيانىن 21–ئۆكتەبىر پارلامېنتنىڭ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن بۇرۇن: موسكۋا تېخىمۇ ئاشكارە، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا مۇھتاج دېگەن . ئۇ يەنە : موسكۋا شەھەرى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىۋاتىدۇ ، بۇنىڭدىن كىيىن موسكۋا شەھىرى تېخمۇ تەرەققىي قىلىپ ، خەلقنى كۈنى تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشى كېرەك .























