ئۆكتەبىر ئايلىرى بولسىمۇ شاڭگاڭنىڭ ھاۋاسى يەنىلا پىژغىرىم ئىسسىق ئىدى . شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرگەن چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ، سېھىرگەرلىك تىياتىرى ‹‹ ياخشىمۇسىز ، ئەپەندىم ›› ، شياڭگاڭ ‹‹ كاڭلى›› مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن تۇنجى قېتىم شياڭگاڭدا قويۇلۇپ ، دىمىق ئىسسىققا تولغان بۇ خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە سالقىن مەدەنىيەت شامىلى ئېلىپ كەلدى .
15–ئۆكتەبىر كەچتە ، چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ، سېھىرگەرلىك تىياتىرى ‹‹ ياخشىمۇسىز ، ئەپەندىم ›› تۇنجى قېتىم شياڭگاڭ خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ، شياڭگاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . مەيداندىكى 1300 دىن ئارتۇق تاماشىبىن قويۇق مىللى پۇراققا ئىگە ، سېرىك ۋە تىياتىر سەنئىتى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن بۇ سەھنە ئەسىرىنى كۆرۈپ گۈلداراس ئالقىشلارنى ياڭرىتىپ ، يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى .
بۇ سېھىرگەرلىك تىياتىرى ئارقا–ئارقىدىن تۆت مەيدان قويۇلغان بولسىمۇ ، ھەر قېتىمدىلا مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ، باشتىن ئاخىرى كۈلكە ۋە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى .
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى مۇزىكا–ئۇسۇللۇق سېرىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جەي گۇيمېي مۇنداق دېدى : ‹‹ شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەم ئىنتايىن قىزىقارلىق بولغان بۇ تىياتىرىنىڭ شياڭگاڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق چوڭ شەھەردە قويۇلۇپ ، زور ئالقىشقا ئېرىشىشى ھەقىقەتەن شىنجاڭلىقلارغا شەرەپ ئېلىپ كەلدى ›› .
(پراكتىكانت ئابلەتجان تۇرسۇن تەرجىمىسى)