ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىقتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:jahan123.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى10-ئاينىڭ20-كۈنى مەزكۇر تەشكىلات خادىملىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ بىرىنچى لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى،ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزىگە توغرا زەربە بېرىش ئىقتىد
  


ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى10-ئاينىڭ20-كۈنى مەزكۇر تەشكىلات خادىملىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ بىرىنچى لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى،ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يەر يۈزىگە توغرا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ھىندىستان چراست گېزىتچىلىكى  دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن450كىلوگىرام بولۇپ،لازىر نۇرلۇق يېتەكلەش سېستىمىسى سەپلەنگەن،لازىر نۇرى دولقۇن دەستىسى ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى يېتەكلەپ يەر يۈزى نىشانىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن،ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ نىشانغا تەككۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرىشىچە،بۇ قورال مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلغار قوراللارنى ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.بۇ يىلنىڭ بېشىدا،مەزكۇر تەشكىلات شەرقىي قىسىمى ېڭىز بويى رايونىدىكى سىناق مەيدانىدا لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى ئىككى قېتىم سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان.ئەمما لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ يېتىپ بارالايدىغان ئارىلىقىنى ئاشكارلىمىغان.
لازىر نۇرلۇق باشقۇرىلىدىغان بومبا دەلىللىكى يۇقىرى باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ بىر خىلى بولۇپ،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ياساپ چىققان ھەمدە ئەمەلىي ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!