«ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما11-ئاينىڭ5-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە ھىندىستاننىڭ زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان،بۇ ئوبامانىڭ پىرىزدېنت بولغاندىن بېرى بىرىنچى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى بولىدىكەن.ھىندىستانمۇ ئوباماغا كاتتا سوۋغات تەييارلىغان،بۇ سوۋغا بولسا ئامېرىكىدىن ئومومىي سوممىسى12مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،بۇ زور سوممىلىق قورال-ياراغ سودىسى 10دانە چوڭ تىپتىكىC-17ترانسىپورت ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن،سوممىسى5مىليارد800مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.بۇ قېتىمقى قورال-ياراغ سودىسىدا بۇ خىل تىپتىكى ترانسىپورت ئايروپىلانىنى چەتئەللەرگە سېتىپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق توختام ئىكەن.
C-17تىپلىق«يەرشارى زومىگىرى»ترانسىپورت ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ترانسىپورتىدىكى تىپىك ئايروپىلانى ئىكەن،ھىندىستانغا سېتىپ بېرىدىغان ھەر بىر ئايروپىلاننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن580مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ،باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن باھادىن كۆپ قىممەت ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!