ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسپانىيە پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
        شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21– ئۆكتەبىر تېلېگىراممىسى : چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچ ە، ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاماكا چەكلەش ھەركەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش ئۈچۈن ، ئىسپانىيە پارلامېنت كومىتېتى 20–ئۆكتەبىر چۈشتىن
  

   

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21– ئۆكتەبىر تېلېگىراممىسى : چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچ ە، ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاماكا چەكلەش ھەركەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش ئۈچۈن ، ئىسپانىيە پارلامېنت كومىتېتى 20–ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ ، قاۋاقخانا ، ئاشخانىلارنى تاماكا چەكلەيدىغان رايون قىلىپ بېكىتتى . بۇ لايىھە ئالىي پالاتانىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كېلەر يىلى 2–يانۋاردىن باشلاپ رەسىمىي يولغا قويۇلىدىكەن .

    خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىقتىن ئۆتۈشى ، ئىسپانىيەنىڭ تاماكا چەكلەشتە تېخىمۇ قاتتىق ۋاستە قوللىنىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن . باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قاۋاقخانا، ئاشخانىلاردا تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىسپانىيەنىڭ ئىرادىسى قارىماققا تېخىمۇ مۇستەھكەمدەك قىلاتتى . لايىھەدە يەنە مەكتەپ، دوختۇرخانا، باغچا قاتارلىق بىرقىسىم  ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنغان .

    ئىگەللىنىشچە ، ھازىرقى تاماكا چەكلەش قانۇنى 2006 –يىلى بېكىتىلگەن بولۇپ ، ئاساسلىقى خىزمەت ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنغان، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تاماكا چېكىشى ھەممە يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان .

    ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيىشىچە ، يېڭى قانۇن قاۋاقخانا ۋە ئاشخانا خوجاينىلىرىغا قارىتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، نۇرغۇنلىغان خوجايىنلار تاماكا چەكلەش - چەكلىمەسلىكنى ئۆز خاھىشى بويىچە بەلگىلىگەن ، ھازىر بولسا پۈتۈنلەي چەكلىنىشى مۇمكىن .

پراكتىكانت ئەنۋەر ئابدۇرېشىت تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئالىمجان )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!