روسىيە چېچەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلامېنتى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىكى بۈگۈن ئەتىگەن(10-ئاينىڭ19-كۈنى)ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە،روسىيە ساقچىلىرى چېچەن پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئېتىۋەتكەن.
چېچەن جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى رومان ئېدىلوۋنىڭ دېيىشىچە،بۇ قېتىمقى ۋەقەدە4قوراللىق ۋە 2ساقچى ئۆلگەن.
يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىكىگە ھۇجۇم قىلغان قوراللىق يەنىلا ساقچىلار بىلەن ئېتىشىۋېتىپتۇ.
روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرى سەل قالايمىغان بولسىمۇ،لېكىن پالامېنتقا قارىتا قىلغان ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىكەن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە،ئىككى نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقۇچى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بومبىنى پارتىلىتىپ ئۆلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!