747–16V Bud Big تىپلىق تىراكتور ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىراكتور ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىراكتور 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا كالىفورنىيەدىكى چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى روسنىڭ تەلىپى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىلا ئىشلەپچىقىرىلغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
روسنىڭ 10 مىڭ مو(ئىنگلىز موسى)لۇق كېۋەزلىكى بار ئىدى. ئۇنىڭ تېرىلغۇ يېرى قاتتىق بولغاچقا، يەرنى 36 – 42 دىيۇم چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرۇپ تېرىشقا توغرا كەلگەن. بىراق، ئۇ مەزگىللەردە بۇنداق ئىقتىدارلىق تىراكتور بولمىغانلىقتىن، ئۇ خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە 9s – CATD تىپلىق توپا ئىتتىرىش تىراكتورى بىلەن تۆۋەن ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق قىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن روس Bud Big شىركىتىگە 300 مىڭ دوللار بېرىپ، 750 – 900 ئات كۈچىلىك ئادەتتىن تاشقىرى تىراكتور زاكاز قىلغان. بۇ تىراكتورنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى 4.3 مېتىر بولۇپ، تىراكتورغا دېترويت 16 سىلىندىرلىق چوڭ دىزېل موتورى سەپلەنگەن، ئەڭ تۆۋەن قۇۋۋىتى747 ئات كۈچى كېلىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى نېفىت كىرىزىسى يۈز بەرگەندە ماي سەرپىياتى يۇقىرى بولغان بۇ تىراكتور ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىغا كەلگەندە، بىراك قىلىنىشقا ئاز قالغان بۇ تىراكتورنى ۋىليەنمۇس ئىسىملىك بىرەيلەن 110 مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرۇپ، موتورىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇۋۋىتىنى 900 ئات كۈچىگە كۆتۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تىراكتورنى ۋىليەنمۇس ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىۋېتىپتۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!