شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى شەھەردە مۇشۇ يېقىندا بىر يىگىت باش قىسمىنى داۋالاش ئوپىراتسىيەسىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، باش قىسمىدىن 10 سانتىمېتر ئۇزۇنلۇقتىكى پىچاق قالدۇقى (تىغ ئۇچى) نى ئالدۇرۋەتكەن. بۇ تىغ ئۇنىڭ بېشىدا ئۇچ يىل «ئۇۋا» تۇتۇپ ياتقان.
ئېدىلسون.ناسكېمىنتو 24-سېنتەبىر مۇخبىرغا بۇ ھەپتىدە 3 سائەتلىك ئوپىراتسىيەنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تېزدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
29 ياشقا كىرگەن ئېدىلسون.ناسكېمىنتو ئەسلى بىر بالون يەملەش ۋە ياساش ئورنىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، 3 يىل بۇرۇن قاۋاقخانىدا باشقىلار بىلەن سوقۇشۇپ، باش قىسمىغا پىچاق «يىگەن» ئىكەن. دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇر بۇ چىچاق قالدۇقىنىڭ ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئېلىۋەتمەي پەقەت پىچاقنىڭ سېپىنىلا ئېلىۋەتكەن ئىكەن. بېشى ئاغرىپ پەقەت چىدىمىغانلىقتىن ئۇ ئاخىرى دوختۇرخانىغا كىلىپ ئوپىراتسىيەنى قۇبۇل قىلغان ئىكەن