ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەنگىلىيەدىكى بىر ياش قىز مودا قوغلىشىمەن دەپ، يۈزىنىڭ 20 نەچچە ئورنىغا ھەرخىل زىننەت بويۇملىرىنى مىخلىۋالغان بولۇپ، ئۇ شۇ ھالدا بىر شىركەتكە بېرىپ خىزمەت ئىزدىگەن. شۇنداقلا شىركەتتىكى ئەمەلدارلارنى ھەيران قالدۇرغان. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، شىركەت خادىملىرى ئۇنىڭغا پەقەت كۆزىلا كۆرىنىدىغان كالا خۇرۇمىدىن ياسالغان نىقاپنى تاقاپ كىرگەندىلا ئاندىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى خەيلى.ئوۋنېير بولۇپ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ياسىنىشى تۈپەيلى خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇققان بولۇپ، ھەتتا بەزى شىركەتلەر ئۇنى «سىنىڭ بۇ ئەپتىڭدىن كىم سىنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ؟» دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوۋنېير 18 ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنىدە، تۇنجى قېتىم يۈزىنى تەشكۈزگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ تۈرگە قىزىقىپ قالغان. خىزمەت ئىزدەش مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقلار ئوۋنېيرنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ شىركەتلەرنى ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىش جەھەتتىن بەك چېكىدىن ئاشۇرۋەتتى، شۇنداقلا مىنىڭ ئادىمىيلىكىمگە دەخلى قىلىدى، دېگەن. بىراق بۇ شىركەتلەر ئوۋنېيرنىڭ نارازىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ ياسىنىشىغا قويۇلىغان تەلىپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نورمال ئەھۋال، دېگەن.
ئىز تورى بەك ياخشى