
شىنخۇا تورى ، خيۇستون ، 18–سېنتەبىر تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 18–سېنتەبىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇقنى تۈۋىدىن سېمونت قۇيۇپ ھىم ئېتىش خىزمىتىنى تاماملىغانلىقىنى، نۆۋەتتە سېمونتنىڭ قېتىپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەگەر كېيىنكى قەدەملىك سىناقتا نېفىت ئاققان يېڭى نۇقتىلار كۆرۈلمىسە، قۇدۇقنىڭ مەڭگۈلۈك ھىم ئېتىۋېتىلگەنلىكى رەسمىي جاكارلىنىدىكەن.
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى شۇ كۈنى بىر ئاخباراتتا مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش خادىملىرى 17 - سېنتەبىر نېفىت ئاققان قۇدۇققا سېمونت قۇيۇشنى باشلاپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 18:00 ئەتراپىدا قۇيۇپ تۈگەتتى. نۆۋەتتە، نېفىت قۇدۇقىغا قۇيۇلغان سېمونت قېتىپ بولدى، ئەمدى قۇرۇلۇش خادىملىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك ‹‹بېسىم ۋە ئېغىرلىق›› سىنىقىنى ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر سىناقتا نېفىت ئاققان يېڭى نۇقتىلار بايقالمىسا، نېفىت قۇدۇقىنىڭ ‹‹ھالاك قىلىنغانلىقى›› رەسمىي جاكارلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى 18 - سېنتەبىر كەچرەك ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن ياكى19 - سېنتەبىر ئېلان قىلىنىدىكەن.