ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى10-ئاينىڭ13-كۈنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېقىندا ئامېرىكا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور داۋالاش سۇغۇرتىسى ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلغانلىقىنى،دېلوغا چېتىشلىق73نەپەر ئالدامچىلار گۇرۇھىنىڭ ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.خەۋەرلەرگە قارىغاندا،بۇ دېلو چېتىلىدىغان ئالدامچىلىق سوممىسى163مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
ئامېرىكا ساقچىلىرى شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەركىتىدە نيويورك،لوس ئانجىلىس ھەمدە يېڭى مېكسىكا شىتاتى،جورجىيە شىتاتى،ئوخىئو شىتاتىدا بۇ دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالغان.بۇ قېتىمقى دېلوغا چېتىشلىق بولغىنى ئەرمىنىيەلىكلەرنىڭ ئالدامچىلىق گۇرۇھى ئىكەن،ئۇلار ئەرمىنىيەلىك ئاتامان ئەرمەن كازارىيېن(Arneb Kazarian) نىڭ قوغدىشى بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان.
ئامېرىكا فېدراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى10-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ئالدامچىلار گۇرۇھىنىڭ دېلو سادىر قىلىش دائىرىسى كەڭ،ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ،«ئەنئەنىۋى قارا قوللار پارتىيىسىنى خىجىل قىلىپ قويىدىكەن».
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!