
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 13–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ 12–ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مېكسىكا قولتۇقىدىكى چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بۇ يىل ئاپرېلدا ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بۇرغىلاش سۇپىسى پارتلاپ كېتىپ ، نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىكەن.
ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سالازار مۇنداق دېدى: تېخىمۇ قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىركەتلەرنىڭ چوڭقۇر دېڭىزدا قايتىدىن نېفىت بۇرغىلىشىغا يول قويۇلىدۇ.
BBC مۇخبىرى مۇنداق دېدى: مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بۇ رايوندىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى ئىشسىز قالدۇردى، يەرلىكتىكى نېفىت كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ، ئوباما ھۆكۈمىتى يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.