ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:jahan123.com تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسىمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.بۇ شەك-شۈبھىسىزكى پەلەستىنگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىك،چۈنكى پەلەستىن ۋەئەرەب دۇنياسى قارشى تۇ
  


پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسىمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.بۇ شەك-شۈبھىسىزكى پەلەستىنگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىك،چۈنكى پەلەستىن ۋەئەرەب دۇنياسى قارشى تۇرغان ئىدى.
«ئىسرائىلىيە ئاۋازى»تور بېتىنىڭ10-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتى ئاللىقاچان قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان،موشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە،ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرگەن.خەۋەردە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى فىلىپنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان.فىلىپ پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرپنىڭ ئولتۇراق ئۆي نۇقتىسىدىكى ئىختىلاپى ئېغىر،نۆۋەتتە بۇ مەسىلە پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىۋاستە سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىش داۋاملىشالماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى،ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىزگە تىنىچلىق سۆھبىتىدىكى مەيدانى ۋە تەلىپىنى شەرھىيلىدى،بىز پەلەستىن تەرەپنىڭمۇ موشۇنداق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق بىر لاھىيە تېپىشقا تەييارلىق قىلماقتا،بىز ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمىز» دېگەن.
ئەرەب ئاخبارات تورى باھا بېرىپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشى پەلەستىنگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىك دېدى،پەلەستىن تەرەپ ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش نەچچە مىليون پەلەستىن مۇساپىرىنىڭ قايتىش ھوقوقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ،بىرلا ۋاقىتتا نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئەرەب پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارىدى.پەلەستىنلا رەت قىلىپ قالماي،ئەرەب دۇنياسىمۇ رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرگە قارىغاندا،ئىلگىرى ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى،«ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئائىلىمىز»پارتىيىسىنىڭ رەئىسى«دۆلەتنى يەھۇدىي خاسلىقىغا ئىگە قىلىپ،ئەرەبلەرنى تازىلاش پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ پىلانغان ئاساسەن،نېتيانياخۇ خەلقئارا قانۇن لاھىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.10-ئاينىڭ10-كۈنى نېتيانياخۇ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئىچكى كابېنت يىغىنىدا،22مىنىستىر قوللايدىغانلىقىنى،8مىنىستىر قارشى تۇرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،نېتيانياخۇ ئىچكى كابنت يىغىنىدا تەكلىپىنى چۈشەندۈرگەندە تەكىتلەپ:«ئىسرائىلىيە يەھۇدىي خەلقىنىڭ مىللىي دۆلىتى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېموكراتىك بىر دۆلەت،ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيەدىن باشقا دېموكراتىك دۆلەت يوق،دۇنيادا باشقا بىر يەھۇدىي دۆلىتى يوق»دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!