ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،پاكىستان ساقچى تەرەپ10-ئاينىڭ14-كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانى،دېپلوماتىيە مىنىستىرى كۈرەش ھەمدە ساقچى،ئارمىيە،ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىنى تارمار قىلغان.
پاكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئابىد قادىرى(Abid Qadri)نىڭ دېيىشىچە،يەرلىك دائىرىلەر ئېرىشكەن ئاخبارات ئارقىلىق 7نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلاۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان.ساقچى تەرەپ10-ئاينىڭ13-كۈنى پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىكى بىر كەنىتتە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ماشىنىسىنى توسقان ھەمدە بۇ 7قوراللىق بىلەن ئېتىشقان.ئېتىشىشتا ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.كېيىن ساقچىلار بۇ 7نەپەر ئادەمنى قولغا ئالغان.
قادىرىنىڭ دېيىشىچە،قولغا ئالغان بۇ 7ئادەم بۇلتۇر12ئايدىكى پارتىلتىش ۋەقەسى بىلەنمۇ چېتىشلىقى بار ئىكەن.بۇلتۇر12-ئايدا پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى مۇلتان شەھىرىدىكى ئارمىيە ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرى تۇرۇشلۇق جايدا پارتىلاش يۈز بېرىپ12ئادەم قازا قىلغان18ئادەم يارىلانغان ئىدى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!