ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە ساقچىلىرى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ باش ئىشىتابىنى ئۇشتۇمتۇت ئاختۇرۇدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل [
         ياپونىيە ساقچىلىرى ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ باش ئىشىتابىنى ئاختۇرماقتا     ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ جاي ۋاقتى 22–نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ، ياپونىيە كيوتو ۋىلايەتلىك ساقچى مەھكىمىسى 140 ساقچى خادىم ئاجرىتىپ ، ياپونىيەدىك
  

        ياپونىيە ساقچىلىرى ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ باش ئىشىتابىنى ئاختۇرماقتا

    ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ جاي ۋاقتى 22–نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ، ياپونىيە كيوتو ۋىلايەتلىك ساقچى مەھكىمىسى 140 ساقچى خادىم ئاجرىتىپ ، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ––‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› (Yamaguchi-gumi) نىڭ باش ئىشىتابىنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى . خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ئالاھىدە ساقچى قىسىم نەق مەيداندا تەرتىپ ساقلاپ تۇرغاچقا ، ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ ئەزالىرى توسقۇنلۇق قىلماستىن ، ساقچىلارنىڭ باش ئىشىتاب جايلاشقان بىنالار ئىچىگە كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويغان.

    خەۋەر قىلىنىشچە ، بۇ ساقچى تەرەپنىڭ 18–سېنتەبىر ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ ئىككىنچى قول باشلىقى كىيوشى تاكاياما (Kiyoshi Takayama) قاقتى–سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ئىكەن .

    ياپونىيە ئاخبارات تورى مۇشۇ خەۋەرنى چىقىرىپ بولغان ۋاقىتتا ، تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن.

      ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ ئىككىنجى كاتتىبېشى قولغا ئېلىنىپ ساقچى ماشىنىسىدا ئېلىپ كېتىلمەكتە

    خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيە ساقچى نازارىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› غا ئومۇميۈزلۈك توسۇپ زەربە بېرىۋېتىپتۇ .  2005–يىل قاراگۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى شىنودا كېنئىچى (Shinoda Ken'ichi) قانۇنسىز قورال–ياراق سودىسى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى قول باشلىق كىيوشى تاكاياما ئالدىنقى ھەپتە ئۆز ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان ، ساقچىلار ئۇنى قاقتى–سوقتى قىلىش جىنايىتىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىگەن. ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ باقمىغان ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› سەركىسىز پادىغا ئايلىنىپ ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان.

    خەۋەر قىلىنىشچە ، ساقچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك توسۇپ زەربە بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ بىرقانچە يىل بۇرۇن ‹‹پايتەختكە كىرىش›› پىلانىنى يۈرگۈزۈشى ئىكەن. ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ تەۋەلىكى ياپونىيەنىڭ كانسائى رايونى بولۇپ ، پايتەخت توكيونى ئۆزئىچىگە ئالغان كانتو رايونى ئىككىنجى چوڭ قارا گۇرۇھ ––‹‹سۇمىيوشى›› (Sumiyoshi) نىڭ تەۋەلىكى ئىكەن ، ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ رايون ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىشى نەچچە قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، بۇ توكيو ساقچى نازارىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەن. ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ پايتەختكە كىرىشىنى توسۇپ ، پايتەختنىڭ قوراللىق جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ياپونىيە ساقچى نازارىتى ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› غا توسۇپ زەربە بېرىشنى باشلىغان . ئەڭ چوڭ كاتتىباشنىڭ تۈرمىگە سولىنىپ ، ئىككىنچى قول باشلىقنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن .

    ساقچى نازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، ساقچى تەرەپ كىيوشى تاكايامانى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تەكشۈرۈپ ، ئۇنىڭ 2005–يىلدىن 2006–يىلغىچە ئاممىۋى قۇرۇلۇش ھەققى دەپ 65 ياشلىق بىر ئەرنى بىر قانچە قېتىم قاقتى–سوقتى قىلغانلىقىنى ، قاقتى–سوقتى قىلغان پۇلنىڭ 40 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 3 مىليون 190 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) غا يەتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، ‹‹ياماگۇچى–گۇمى›› نىڭ ئادەملىرى ياپونىيەدىكى بارلىق قارا گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ %70 تىنى ئىگەللەيدىكەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى قارا جەمئىيەتنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا يول قويىدىكەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

پراكتىكانىت ئەنۋەر ئابدۇرېشىت تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : لالە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!