ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چاۋېس موسكىۋاغا يېتىپ كېلىپ روسىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:jahan123.com تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
چاۋېس موسكىۋاغا يېتىپ كېلىپ روسىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ۋېنسۇئىلا پىرىزدېنتى چاۋېس 10-ئاينىڭ14-كۈنى(بۈگۈن)موسكىۋاغا يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى،روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ بىلەن ئېنىرگىيە،مۇداپىئە ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھ
  

ۋېنسۇئىلا پىرىزدېنتى چاۋېس 10-ئاينىڭ14-كۈنى(بۈگۈن)موسكىۋاغا يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى،روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ بىلەن ئېنىرگىيە،مۇداپىئە ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا،چاۋىسنىڭ بۇ 9-قېتىم روسىيەنى زىيارەت قىلىشى ئىكەن،بۈگۈن كەچ ئۇلار ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىدىكەن،ئەتىدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ يەنە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
موسكىۋا چاۋىسنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قىلغان سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئىكەن،ئوتتۇرا شەرقتە لىۋىيە،ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن.شەرقىي ياۋروپادا ئۇكرائىنا،بلوروسىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!