ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ناتونىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاندا پارتىلاپ كەتتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:jahan123 تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
ناتونىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاندا پارتىلاپ كەتتى ئەڭ يېڭى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ش ئا ئە ت(NATO) نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ12-كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا پارتىلاپ كەتكەن،ئەمەلدارلار دەسلەپتە12 ئادەم
  

ناتونىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاندا پارتىلاپ كەتتى

ئەڭ يېڭى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ش ئا ئە ت(NATO) نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ12-كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا پارتىلاپ كەتكەن،ئەمەلدارلار دەسلەپتە12 ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى دېگەن،كېيىن ئۆلۈم-يېتىم سانىنى ئازلىتىپ،بۇ قېتىمقى تىك ئۇچار ئايروپىلان پارتىلاش بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە7 ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا،ش ئا ئە ت رەھبەرلىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قىسىمى10-ئاينىڭ12-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،بۈگۈن ش ئا ئە ت نىڭ26 ئادەم ئېلىپ ماڭغان«چىنۇك» تىپلىق ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان ترانسىپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسىمىدا چۈشۈپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسىمىدا تۇيۇقسىز پارتىلاش يۈز بەرگەن،2ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى،10ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن.

خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قىسىمىنىڭ باياناتچىسى كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى پارتىلاش ۋەقەسىدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش سانىنى ئازلاتقان.باياناتچى تېزدىن بېرىلگەن دوكلاتلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى چوڭ،سانى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز دېگەن.

باياناتچىنىڭ دېيىشىچە،نۆۋەتتە بىر ئادەم پارتىلاشتا ئۆلگەن،7ئادەم يارىدار بولغان،ئۆلگەن يارىدار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ناتونىڭ ئەسكەرلىرى ئىكەن،يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!