ياش ناخشىچىمىز شاۋكەت ماشىنا ۋەقەسى بىلەن قازا قىلدى
ياشىن تورى خەۋىرى:
بۈگۈن چۈشتىن شىنجاڭنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى شاۋكەت قاراماي شەھرىدە ئويۇن قويۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىش يولىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ قازا قىلغان. ئىگەللىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شاۋكەت قاتارلىق سەنئەتكارلار قاراماي شەھرىدە بىر ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان. بۈگۈن چۈشتە، شاۋكەت قاتارلىق 5 ئادەم كىچىك بېك ماركىلىق ماشىنىغا چىقىپ، قارامايدىن ئۈرۈمچىگە قايتىۋاتقان. قاراماي يولىدا (شىخەنزە تەۋەسىدە) چوڭ بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقىلىپ كەتكەن. شاۋكەت، ئەنۋەر ۋە شوپۇر نەق مەيداندا قازا قىلغان. گۇشىڭ(ئارتىس) ۋە بىڭتۈەننىڭ بىر ئايال سەنئەتچىسى يېزا ئىگىلىك 8-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
تېخىمۇ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، http://www.cnr.cn/gundong/201101/t20110122_507612139.html بۇ ئادېرىستىن كۆرۈۋىلىڭ.
مەنبە: تېڭشۈن خەۋەرلەرى