ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن ئەل-قائىدنىڭ تايانچ پونكىتلىرىنى تازىلىدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
يەمەن شەبۋاھ(Shabwah) ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى 21-يانۋار بىلدۈرىشىچە، يەمەننىڭ بىر تارماق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمى شۇ كۈنى تانكا ۋە توپچى ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە، شەبۋاھ ئۆلكىسىدىكى ئەل-قائىد قوراللىق تەشكىلاتىغا تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر ئەمە
  

يەمەن شەبۋاھ(Shabwah) ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى 21-يانۋار بىلدۈرىشىچە، يەمەننىڭ بىر تارماق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمى شۇ كۈنى تانكا ۋە توپچى ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە، شەبۋاھ ئۆلكىسىدىكى ئەل-قائىد قوراللىق تەشكىلاتىغا تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرىشىچە، تازىلاش ھەركىتى شەبۋاھ ئۆلكىسىنىڭ خاتىب رايونى، سەئىد رايونى، ئەزان شەھىرى ۋە خۇتا شەھىرىگە ئاساسلىق مەركەزلەشكەن. تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمى بۇ جايلارنىڭ چەت تاغلىق رايونلىرىنى ئاختۇرغان، ئاساسلىق نىشانى ئەل-قائىدنىڭ بىر قانچە مۇھىم ئاتامانلىرى ئىكەن، بۇ ئاتامانلار ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئەنۋەر ئەل-ئەۋلاقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەۋلاقىنىڭ ئەجدادلىرى شەبۋاھ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئەۋلاقى ئەل-قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلى تارمىقىدىكى مۇھىم شەخس، 17-يانۋار يەمەن سوتى ئەۋلاقىغا « چەتئەللىكلەرنى قىرغىن قىلىشقا قۇتراتقان » دېگەن جىنايەتلەر بىلەن سوتقا قاتناشمىغان ئەھۋالدا 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
2010-يىلى 9-ئايدىمۇ، يەمەن ھۆكۈمىتى شەبۋاھ ئۆلكىسىنىڭ خۇتا شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەركىتى قوزغىغان

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!