كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 20–يانۋار ، كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ‹‹ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، چاۋشيەن ، كورىيە–چاۋشيەننىڭ ھەل قىلىنمىغان ھەربىي ئىشلار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، خەلق قوراللىق كۈچى مىنىستىرى كىم يىڭچۈننىڭ نامىدا كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم كۈەنجېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ ، كورىيە –چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى ›› .
كورىيە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گۇاڭرى شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئادەتتە جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۆھبەت ‹‹ يۇقىرى دەرىجىلىك ›› لەر سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ قېتىم چاۋشيەن تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ يۇقىرى دەرىجىلىك ›› لەر سۆھبىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىدۇر .
جاڭ گۇاڭرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ‹‹ كورىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىنىڭ تەييارلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . چاۋشيەن ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ، يەنە پولكوۋنىك دەرىجىلىك ۋە گېنېرال دەرىجىلىكلەر تەييارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى ›› .
جاڭ گۇاڭرى ، كورىيە ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسى بىلەن يەنپىڭ ئارىلى ۋەقەسىنى تەييارلىق سۆھبەتتە مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ - يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ : ‹‹ بۇ مەسىلە چوقۇم مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ . نۆۋەتتە ، كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆھبەتكە ئالاقىدار تەييارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ ، ناھايىتى تېزلا ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بېكىتىلىدۇ ›› دېدى .
ئىگىلىنىشىچە ، چاۋشيەن تەرەپ تېلېگراممىدا ، تەييارلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى كورىيە تەرەپنىڭ قارار قىلىشىنى ، سۆھبەتتە ھەل قىلىنمىغان ھەر قانداق مەسىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
تۇنجى قېتىملىق كورىيە–چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى 2000–يىلى 24–سېنتەبىردىن 26 سېنتەبىرگىچە جىجۇ ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ، 2–قېتىملىق سۆھبەت 2007–يىلى 27–يانۋاردىن 29–يانۋارغىچە پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن .