ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بوئىڭ شېركىتى 2010-يىلى ئاۋسترالىيەگە 15 دانە F/A-18F كۈرەشچى ئايروپىلانى تاپشۇرۇپ بەردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ئامېرىكا بوئىڭ شېركىتىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا بوئىڭ شېركىتى خان جەمەتى ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيىسى(RAAF)نىڭ ئامبېرلىي بازىسىغا 2010-يىلدىكى 3-تۈركۈمدىكى 4 دانە F/A-18F چوڭ سېرىق ھەرە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى تاپشۇر
  


ئامېرىكا بوئىڭ شېركىتىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا بوئىڭ شېركىتى خان جەمەتى ئاۋسترالىيە ھاۋا ئارمىيىسى(RAAF)نىڭ ئامبېرلىي بازىسىغا 2010-يىلدىكى 3-تۈركۈمدىكى 4 دانە F/A-18F چوڭ سېرىق ھەرە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، RAAF نىڭ ئىلغار كۆپ خىل قوللىنىشچان كۈرەشچى ئايروپىلانى ئەترىتىدىكى  F/A-18F نىڭ سانى 15 دانىگە يېتىپ، ئەسلى پىلاندىكى 12 دانىنى تاپشۇرۇپ بېرىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتكەن، بىرلا ۋاقىتتا، ئابېرلىي بازىسىدىكى بىرىنچى ئېسكاردون تۇنجى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن F/A-18F قىسىمى بولۇپ قالغان.
F/A-18F كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن قوراللانغان 82-بىرلەشمە ئەترەت قوماندانى سىتېۋ روبېرتون(Steve Roberton) نىڭ بىلدۈرىشىچە،  F-111 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ قىسىمدىن چېكىندۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، F/A-18F نى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بېرىلىشى تېزلىكتە دەسلەپكى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشتا ئىنتايىن مۇھىم، RAAF ئاۋسترالىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايوندىكى بوشلۇق ئۈستۈنلىكىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
بوئىڭ شېركىتىنىڭ بۇ تۈرگە مەسئول ئەمەلدارى كارولين نىكولس(Carolyn Nichols) نىڭ بىلدۈرىشىچە، بوئىڭ شېركىتى 2010-يىلى جەمئىي 15 دانە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە F/A-18F تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، تاپشۇرۇپ بېرىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغان. بۇنىڭدىن سىرت، بارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار مۆلچەردىكى راسخوتتىن ئېشىپ كەتمىگەن. نىكولس 2011-يىلىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمنى ساقلاپ قېلىشقا ناھايىتى ئۈمۈدۋار ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!